خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى باش ئەلچىسى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇشنى ئىنكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-05-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان «ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنداقلا بىر قىسىم قازاقلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەققىدە كۆپلەپ ئۇچۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ بۇ مەسىلە ئىزچىل خەلقئارانىڭ دىققىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقانىدى. 28‏-ماي كۈنى خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە لاگېرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم كەسكىن ئىنكار قىلدى.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ 28-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى جاڭ شياۋ قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇر سۇلتان شەھىرىدە بىر توپ مۇخبىرلارنىڭ قورشاۋىدا قالغان. مۇخبىرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش تەدبىرلىرى ھەققىدە سوئال سورىغاندا جاڭ شياۋ: «ھۆكۈمىتىمىز شىنجاڭ رايونىدا پەقەت ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ قازاقىستانغا تاقىشىدىغان ھېچنەرى يوق» دېگەن. مۇخبىرلار ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر قىسىم قازاقلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئۇ «سىز بۇ يالغان ئۇچۇرلارنى نەدىن ئالدىڭىز؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ساختا مەلۇماتلار» دەپ ئۇلارنى قوپاللىق بىلەن قېقىۋەتكەن.

ھالبۇكى قازاقىستان پۇقرالىقىدىكى بىرنەچچە لاگېر شاھىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەنىدى. ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا لاگېرلاردىكى مىليونلىغان مەھبۇسلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە قانداق قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلغان. ھالبۇكى خىتاينىڭ مۇھىم سودا شېرىكى بولغان قازاقىستاندا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىزچىل بۇ مەسىلىدىن ئۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ كەلمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت