خىتاي قازاقىستاندىن 100 مىليون توننا نېفىت ئىمپورت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەتبۇئاتلىرى، خىتاينىڭ « قازاقىستان-خىتاي نېفىت تۇرۇبىسى» ئارقىلىق 29-مارت كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي 100 مىليون توننا نېفىت ئىمپورت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ رەقەم مەزكۇر تۇرۇبا ئىشقا كىرىشكەندىن بۇيانقى جەمئىي ئىمپورت قىلىنغان نېفىت مىقدارىنى كۆرسىتىدىكەن.

«خىتاي ئۇچۇر تورى»دىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2006-يىلىدىن ئېتىبارەن نېفىت توشۇش باشلانغان خىتاي-قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسى ھازىر خىتاينىڭ تۇنجى چەتئەلدىن 100 مىليون توننا نېفىت يەتكۈزگەن تۇرۇبا يولى ھېسابلىنىدىكەن.

ئومۇمى مۇساپىسى 2800 كىلومېتىرلىق مەزكۇر تۇرۇبا يولى قازاقىستاننىڭ كاسپى دېڭىزى بويىدىكى ئاتراۋ شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئاتاسۇ رايونى ئارقىلىق ئالاتاۋ ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مايتاغ نېفىتلىكىگە تۇتىشىدىكەن.

مەزكۇر تۇرۇبا يولى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن نېفىتلەر مايتاغدىن داۋاملىق خىتاينىڭ ئىچكىرى رايونلىرىغا توشۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىنى خىتاينىڭ شەرقى رايونلىرىغا توشۇش پىلانىغا ماسلاشتۇرۇلغان ئىدى.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي قازاقىستان بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ نېفىتلىرى ۋە تەبىئىي گازلىرىنى كۆپلەپ توشۇشنى شۇنىڭدەك پاكىستان بىلەن بولغان ئىقتىسادى كارىدورنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا باستۇرۇش ھەم ئۆزىنىڭ رايوندىكى ھەربىي قۇدرىتىنى ھەيۋە قىلىش پائالىيەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرمەكتە.

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر تۇرۇبا يولى ئارقىلىق خىتايغا يەتكۈزىدىغان نېفىت مىقدارىنى ھەر يىلى 10 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش پىلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يىللاردىن بۇيانقى يىللىق توشۇش مىقدارى ئېگىز-پەس بولۇپ تۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت