ئۇيغۇر رايونىلىق قازاق قىزى قازاقىستان سوتىدىن ئۆزىگە پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2018‏-يىلى 5‏-ئايدا ئۇيغۇر رايونىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان بىر ئېتنىك قازاق ئايال 12‏-نويابىر كۈنى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھرىدە چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان. «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوتتا 36 ياشلىق قايشا ئاقان ئىسىملىك مەزكۇر قازاق ئايال ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا جازالىنىدىغانلىقى، شۇڭا قازاقىستاننىڭ پاناھلىق بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سوتتا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۆزىنى يىغىئېلىش لاگېرىغا قاماش بىلەن تەھدىت سالغانلىقى سەۋەبلىك 2018‏-يىلى 5-ئايدا قازاقىستان چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قايشا ئاقان يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈپ، قازاقىستاندىن سىياسى پاناھلىق تىلىگەن 3‏-ئېتنىك قازاق كىشىدۇر. 

يېقىندا قازاقىستان ھۆكۈمىتى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن 2 نەپەر قازاق ياشقا سىياسىي پاناھلىق بەرگەن. مۇراشېر ئالمۇلى، قاستېر مۇساخان ئولى ئىسىملىك بۇ ئىككى قازاق ياش بىر قانچە ھەپتە ئاۋۋال ئالمۇتادا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مۇراشېر ئالمۇلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا جازالانغانلىقى، قاستېر مۇساخانۇلى ئۆزىنىڭ بىر قانچە يىل يىغىۋېلىش لاگېرىدا ياتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئىككەيلەن دەرھال تۇتقۇن قىلىنىپ، ئارقىدىنلا ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىلگەن. لېكىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارغا سىياسى پاناھلىق بېرىشنىڭ ئالدىدا سايراگۈل سائۇتباي ئىسىملىك قازاق ئايالنىڭ سىياسى پانالىق ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. نەتىجىدە، شۋېتسىيە سايراگۈل سائۇتباي ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە پاناھلىق بېرىپ، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا شۋېتسىيەگە ئېلىپ كەلگەنىدى. 

«ئازاتلىق رادىئوسى» نىڭ خەۋىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، 12‏-نويابىردىكى سوتتا قايشا ئاقان سۆز قىلىپ، «مەن قازاقىستانغا پاناھلىق تىلەپ چىقتىم. سىلەرنىڭ مېنى خىتايغا قايتۇرماسلىقىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن. مەن قايتۇرۇلسام جازالىنىشىم مۇمكىن» دېگەن. قايشا ئاقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 70 ياشلىق ئانىسى، ئۇنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى ۋە ئوغلى يەنىلا ئۇيغۇر رايونىدا قالغان ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 2مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى جازالىغان، بىر قىسمىنى توقۇمىچىلقى كارخانىلىرىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سالماقتا ئىكەن.

تولۇق بەت