تۇرپان قازىخان مەسچىتىنىڭ ئىمامى پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-08-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۇرپان شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تۇرپان قازىخان مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇرېھىم داموللا پەيشەنبە كۈنى ئۆيىنىڭ ئالدىدا پىچاقلانغان. ئۇنىڭ ئەھۋالنىڭ قانداقلىقى مەلۇم ئەمەس.

تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى خادىملىرىدىن ئالىم ئابلىمىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئابدۇرېھىم داموللا ئاتالمىش «3 خىل كۈچلەر» گە تەۋرەنمەي قارشى تۇرغانلىقتىن ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان.

بىراق، بەزى ئاھالىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇرېھىم داموللا «لۇكچۈن ۋەقەسى» گە چېتىشلىق بىر ئۇيغۇرنى ساقچىغا تۇتۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

26 - ئىيۇل «لۈكچۈن ۋەقەسى» دە ھەر ئىككى تەرەپتىن ئاز دېگەندە 35 ئادەم ئۆلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى«تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئېلان قىلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان ئىدى.

بۇ يىل 74 ياشلىق ئابدۇرېھىم داموللا بۇ جەرياندا ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارغا قارشى تەشۋىقات پائالىيىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان.

تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ سەۋەبلىك بەزى ياشلار ئابدۇرېھىم داموللىنى ئاگاھلاندۇرغان. ھۇجۇمنى كىمنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. يەرلىك دائىرىلەر ساقچىلارنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادنى چەكلەپ، ئوخشىمىغان دىنىي ۋە سىياسىي پىكىردىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ھەر خىل قانلىق توقۇنۇش ۋە ھۇجۇملارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت