تەكلىماكان قۇملۇقىدىن قەدىمكى ھەربىي قورال تېپىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە ئەترىدى 18-فېۋرال كۈنى تەكلىماكان چۆللۈكىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق چىرا ناھىيىسىدىكى قاراچىن خارابىلىكىدىن بىر قىسىم تۆمۈر قوراللارنى بايقىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇلارنىڭ ئارىسىدا تۆمۈر ۋە ئارقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمكى ھەربىي قورال تېپىلغان.

خىتاينىڭ 19-فېۋرال كۈنىدىكى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە قاراچىن خارابىلىكىنىڭ خىتاينىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مەزگىل (تەخمىنەن 2 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى دەۋر) گە توغرا كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، خارابىلىكنىڭ كەڭلىكى 135 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 400 مېتىر كېلىدىغانلىقى، خارابىلىكتە يەنە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار تېپىلىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تەكلىماكان چۆللۈكىدە ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە، خادلىك، قاراچىن، كۆكجىگەداي، بالۋاستى، كونا دامكو، ئۇزۇن تاتى، دەندەن ئۆيلۈك قاتارلىق خارابىلىكلەر تېپىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇ جايلاردىن نۇرغۇنلىغان بۇددىزم مەدەنىيىتىگە ئائىت يادىكارلىقلار قېزىۋېلىنغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت