خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرگە ھەدەپ ساياھەتچى چاقىرماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي خەۋەر تورلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ساياھەتچىلىكنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلماقتا. «تەڭرىتاغ» تورى تارقاتقان خەۋەردىن قارىغاندا 19-ماي كۈنى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى 2020-يىللىق ئاتالمىش «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» پائالىيىتىنى ئالدى بىلەن قەشقەردىن باشلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 14 رايون (ۋىلايەت ۋە شەھەر) دا مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى يولغا قويۇپ تەشۋىق قىلىدىغان 400 دىن ئارتۇق تۈرنى يولغا قويىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە ساياھەت ئىشلىرىنىڭ جانلاندۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتكەن ئىدى.

بۇ ساياھەت ئېلانلىرىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل ساياھەت نۇقتىلىرى تەشۋىق قىلىنغاندىن باشقا يەنە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈزەللىكىنىڭمۇ بازارغا سېلىنىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغايدىكەن. بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتىكى خاتىرىلىرىدە ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي قىياپىتىدىن ئەسەر قالماي، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ دېسنىي باغچىسىغا ئوخشىتىپ ياسالغان ئورۇنلاردىلا كۆرگىلى بولىدىغان كۆرۈنۈشلەرگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر رايونىغا بىر قانچە قېتىم ساياھەتكە بارغان فىرانسىيەلىك ساياھەتچى پاترىك ۋاك ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەتچىلىك ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ساياھەتچىلىك نامىدا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ ئاساسەن غايىب بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەم غەيرىلەشتۈرۈلمەكتە ھەم يوقىتىلماقتا،» دېگەن.

تولۇق بەت