خىتاي قېيىن-قىستاق مەسىلىسىدە بىر قىسىم تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015-12-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب د ت نىڭ قېيىن-قىستاققا ئالاقىدار كومىتېتى بۈگۈن بىر كۆزىتىش خۇلاسىسى ئېلان قىلىپ، «خىتاينىڭ قېيىن-قىستاق مەسىلىسىدە خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا قاراپ قەدەم باسقانلىقى» نى، ئەمما خىتاينىڭ يېقىندا 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە پائالىيەتچىسىگە زەربە بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت تۈرمىلەردىكى قېيىن-قىستاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى جەنس مودۋىگ بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، خىتاي تەرەپنىڭ قېيىن-قىستاق مەسىلىسىدە ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن بىر قىسىم تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئۇ بۇ ھەقتە يەنە، خىتاي تەرەپنىڭ جىنايى ئىشلار سوت تەرتىپىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنى، ئەمما كومىتېتنىڭ يەنە كۆپلىگەن سوئاللىرىنى جاۋابسىز قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ب د ت نىڭ مەزكۇر كومىتېتى ئۆتكەن ئايدا خىتاي قاتارلىق 6 دۆلەتنىڭ قېيىن-قىستاق خاتىرىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.

بۇ جەرياندا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ قېيىن-قىستاق خاتىرىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇ ھەقتە مەزكۇر كومىتېتقا مەخسۇس بىر دوكلات سۇنۇش بىلەن بىرلىكتە، كومىتېتنىڭ شۇ قېتىملىق يىغىنلىرىغا قاتناشقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت