قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن قىرغىز پائالىيەتچىنىڭ يولدىشى ئالمۇتا ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىرغىزىستاندىكى بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ 350 مىڭ دوللار پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن قىرغىز پائالىيەتچىنىڭ يولدىشى سۇرغاق كەنجىبايېف ئالمۇتا خەلقئارا ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، قىرغىزىستانغا ئېلىپ كېلىنگەن.

قىرغىزىستاندا سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىلىق تىجارەتچى مۇتەللىپ مەمتىمىن سۇرغاق كەنجىبايېفنىڭ 350 مىڭ دوللار پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە قىرغىزىستان ئەدلىيە تارماقلىرىغا ئەرز قىلغان ئىدى. «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈرغاق كەنجىبايېف يېقىندا ئالمۇتا خەلقئارا ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، قىرغىزىستانغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن.
قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 20‏-دېكابىر كۈنى «ئازادلىق» رادىيوسىغا بەرگەن ئۇچۇرىدانۆۋەتتە كەنجىبايېفنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ بىشكەكتىكى قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن سۇرغاق كەنجىبايېف ئاتاقلىق قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ قىزى، سابىق قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى شېرىن ئايتماتوۋانىڭ يولدىشى بولۇپ، شېرىن ئايتماتوۋا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قىرغىزىستاندىكى «ئۈمىد‏-2020‏» ناملىق چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلات ئەركىن سەمەتنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆلتۈرۈلۈشى شۇنداقلا 700 مىليون دوللارنىڭ چەتئەل بانكىلىرىغا يۆتكىلىشىنى پاش قىلىشتاۋە  ئۇنىڭغا چېتىشلىق ئەمەلدارلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان ئىدى.
«ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇتەللىپ مەمتىمىن ئادۋوكاتى جانارا ئەسقەر قىزى بىلەن سۇرغاق كەنجىبايېف ھەققىدە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزگەن. لېكىن ئادۋوكات جانارا ئەسقەر قىزى ئاخبارات يىغىنىدا سۇرغاق كەنجىبايېفنىڭ ئايالىنىڭ مەرھۇم يازغۇچى چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئاخبارات يىغىنىنى دەرھال توختاتقان.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت