قىرغىزىستاننىڭ نارىن رايونىدا خىتايغا قارشى نامايىش يۈز بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىرغىزىستاننىڭ ئاتبېشى يېزىسىغا يېقىن جايدا خىتاينىڭ قۇرۇلۇش پىلانلىرىغا قارشى نامايىش يۈز بەرگەن. بۇ يېقىندىن بۇيان قىرغىزىستاندا خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان تەسىرىگە قارشى قوزغالغان يەنە بىر كۆلىمى بىر قەدەر زور ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئازادلىق رادىيوسىنىڭ قىرغىزىستاندىن بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، 17-فېۋرال كۈنى نەچچە يۈزلىگەن كىشى قىرغىزىستاننىڭ نارىن رايونىدىكى ئاتبېشى يېزىسىغا يېقىن جايدا نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن خىتاينىڭ رايوندىكى قۇرۇلۇش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتايغا تەۋە بولغان بۇ قۇرۇلۇش پىلانى 275 مىليون دوللار قىممىتىدىكى بىر تايانچ بازىسى تۈرى بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش 2019-يىلى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە ماقۇللانغانىكەن.

نامايىشچىلار شۇ كۈنى قوللىرىدا «بىز بۇ تايانچ بازىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرىمىز»، «قىرغىز زېمىنى خىتايغا بېرىلمىسۇن» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن.

ئازادلىق رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرى دۈشەنبە كۈنىدىكى نامايىشقا 2000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى ۋەكىلى ئەمىلبەك ئالىمقۇلۇف نامايىشچى سانىنى 700-800 ئەتراپىدىلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ سۆزىدە نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىگە ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندا بىر جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستاننىڭ نارىن رايونىدا ئىلگىرىمۇ مۇشۇنداق بىر نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەنىدى. 2019-يىلى 8-ئايدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە، 500 ئەتراپىدا يەرلىك خەلق شۇ جايدىكى ئالتۇن كېنىنى ئېچىۋاتقان «جوڭجى» ناملىق خىتاي شىركىتىنىڭ كان رايونىغا باستۇرۇپ كىرىپ، خىتاي ئىشچىلار بىلەن توقۇنۇشقان ۋە شىركەتنىڭ بىر قانچە كرانلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. قىرغىز ئاھالىسى بۇ كانلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا 20 دىن ئوشۇق خىتاي ئىشچىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت