چەتئەللەردىكى قىرغىزلار ئۆز ئانا ۋەتىنىگە ماكانلاشماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


قىرغىزىستان ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاخىرقى يەتتە يىل ئىچىدە چەتئەللەردە ياشايدىغان قىرغىزلاردىن 55 مىڭ نەپەر ئېتنىك قىرغىز ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ ماكانلاشقان. بۇ ھەقتە قىرغىزىستاننىڭ كۆچمەنلەر، ياشلار ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئۇچۇر تارقاتقان.

پەرغانە ئۇچۇر تور سەھىپىسىدىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە،

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۇ كۆچۈپ كەلگەن قىرغىزلارنىڭ ماكانلىشىشى ۋە قىرغىزىستان جەمئىيىتىگە قوشۇلۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىكەن.

مەزكۇر ئەمەلدار يەنە نۆۋەتتە ئۆزبېكىستاندىن ۋە تاجىكىستاندىن كۆپ ساندا كورىيە مىللىتىگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىۋاتقالىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، ئۇ 55 مىڭ نەپەر قىرغىزنىڭ قايسى مەملىكەتلەردىن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى كونكرېت كۆرسەتمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتىمۇ مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان چەتئەللەردىكى قازاقلارنىڭ قازاقىستانغا كېلىپ ماكانلىشىشىنى قوللاۋاتقان بولۇپ، كۆچۈپ كەلگۈچىلەرنىڭ كۆپچىلىكىنى تاشقى موڭغۇلىيە ۋە خىتاي قازاقلىرى تەشكىللىگەن ئىدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ 200 مىڭ ئەتراپىدا قىرغىز ئاھالىسى ياشايدىغانلىقى مەلۇم. بىراق ئۇلار ئارىسىدىن قانچىلىك ئادەمنىڭ قىرغىزىتانغا يەرلەشكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. قىرغىزلار يەنە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تاجىكىستانغىمۇ تارقالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت