سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت رۇسىيەنى قىرىم مەسىلىدە ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چارشەنبە كۈنى، سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت بىرلەشمە بايات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنى قىرىم ئارىلى مەسىلىدە ئاگاھلاندۇردى ۋە ئەگەر رۇسىيە قېرىم يېرىم ئارىلىنى قوشۇۋېلىشقا قەدەم ئالسا بۇنىڭغا قارىشى ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا ۋە ياپونىيە قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان مەزكۇر سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر بىرلىكى ئەسلىدە رۇسىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، گ 8 دېيىلەتتى.

ئامېرىكا ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر باياناتتا، رۇسىيە قىرىمنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتلەر ۋە يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان راي سىناش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىلدى.

ئۇلار مۇنداق دېدى: قىرىمنى قوشۇۋېلىش دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئېغىر ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۇلار يەنە يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتىنىڭ «ھېچقانداق قانۇنىي ئۈنۈمگە ئىگە ئەمەس» لىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

رۇسىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان قىرىم ئارىلىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقنى كۈچەيتىپ، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت پەيدا قىلغان. بۇ ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت