قىرىم پارلامېنتى قىرىمنى رۇسىيەگە قوشۇش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئۆتكۈزمەكچى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-03-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پەيشەنبە كۈنى قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى 16-مارت كۈنى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى ھەققىدە قارار چىقىرىشنى بېكىتتى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرىم پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى ھەققىدە بېلەت تاشلاش ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى، ئەمما 10 كۈندىن كېيىن رېفېرېندۇم يەنى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش يولى بىلەن رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى قارار قىلدى.

قىرىم دائىرىلىرى موسكۋادىن قىرىمنى رۇسىيەگە قوشۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇكرائىنىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ئارسېنىي ياتسۇنىيوك قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى ھەققىدىكى رېفېرېندۇمنىڭ قانۇنسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

قىرىم ئاھالىسىنىڭ 58% نى رۇسلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، قىرىم ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىدا رۇسلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى سالماقنى ئىگىلىگەن. ئانالىزچىلار قىرىم پارلامېنتىنىڭ قىرىمنى رۇسىيەگە قوشۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىنىڭ قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قىرىم پارلامېنتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىگە نارازى بولغاندىن سىرت يەنە، قىرىمدىكى نوپۇس بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان خەلق قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللىي مەجلىسى قارار قوبۇل قىلىپ، قىرىم تاتارلىرىنىڭ 16-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت