ئۇيغۇر يېزىلىرى خىتاينىڭ چاغىنىدا «قىزىل پانۇسلار» غا توشقۇزۇۋېتىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ھەقتە خىتاينىڭ خەلق تورى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، چاغان بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى، كورلا شەھىرى، كۇچا ناھىيىسى، چاقىلىق، چەرچەن قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلار پۈتۈنلەي خىتاينىڭ قىزىل پانۇسلار، چوڭ قىزىل خەتلىك ۋىۋىسكىلار بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، يۇقىرىدىكى تور بەتلەردە بېرىلگەن رەسىملەردە بۇ جايلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئائىت ھېچقانداق ئىزنانىڭ تېپىلماسلىقى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەرلىرىدە، يۇقىرىدىكى جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن چاغانلىق سەنئەت كۆرەكلىرىنى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئىشتىراك قىلغانلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلغان بولۇپ، بۇ كۆرەكلەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق، قوشماق تۇغقاندارچىلىقتىن ئىبارەت سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدا بۇنداق كەڭ تەشۋىق ۋە تەنتەنە قىلىنىشى، پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇندىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەكەندە ئون مىڭ كىشىلىك تەيجى گۇمپىسى ئويناش ھەرىكىتى قوزغىشىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت