بۇ يىل قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قاتارىدا ئىجرا قىلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-01-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى مائارىپ خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ خىزمەتلىرىدىكى 13 نۇقتىلىق خىزمەتنى بېكىتىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك.

بۇ ماددىلار ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغانلىرى قوش تىل يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش ۋە شۇنداقلا قوش تىل ئوقۇتقۇچى سېپىنى تولۇقلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستنى ئاساس قىلغان جايلاردا قوش تىل يەسلىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۇيغۇر ئېلىدا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت باش نىشاننىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنى يەسلىدىن باشلاپ، خىتاي تىلىدا تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىدىغان بۇ سىياسەتنى نارازىلىقلارغا قارىماي كۈچەيتىپ ئىجرا قىلماقتا. دائىرىلەر تېخى يېقىندا 4387 يېزا قوش تىل يەسلىسىنى كۆپەيتىپ قۇرىدىغانلىقى ۋە كېڭەيتىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يېزىلاردىكى يەسلىدە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانىنى 1 مىليون 129 مىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يەسلى بالىلىرىغا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدە ئۆسۈپ يېتىلىشى ھەم ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا نىسبەتەن زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

يۇقىرىدا بېكىتىلگەن مائارىپ خىزمىتىدىكى 13 نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئىچىدە يەنە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش خىزمىتىمۇ ئورۇن ئالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت