خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدىكى «قوش تىل» يەسلىلىرىگە 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-03-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى 3 يىللىق «قوش تىل» يەسلىلىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان.

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2017‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا 4387 «قوش تىل» يەسلىسىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلىدىغانلىقى ياكى كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپ، 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەگەر بۇ 10 مىڭ «قوش تىل» يەسلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنسا، بۇ ئۆتكەن يىلدىن بىر ھەسسە ئارتۇق قوبۇل قىلىنغان بولىدۇ. دائىرىلەر 2016‏-يىلى 3500 نەپەر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلغان. مائارىپ نازارىتى، «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ تەربىيىلەپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسى بولۇشقا تېخىمۇ كۆپ رىغبەتلەندۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇرلاردا «قوش تىل» يەسلى مائارىپىغا بولغان ئەندىشە كۈچەيگەنسېرى، ئۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇپ، 2020‏-يىلغا قەدەر «قوش تىل» مائارىپىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشقا كۈچىمەكتە. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل 2‏-ئايدا چاقىرىلغان مەملىكەتلىك يىغىنىدا بەزى خىتاي ۋەكىللەر ئۇيغۇر رايونىدا «قوش تىل» مائارىپىنى داۋاملىق كۈچەيتىش تەكلىپى سۇنغان.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋەكىللىرىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا «قوش تىل» مائارىپىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن. بىراق خىتاينىڭ «قوش تىل» مائارىپى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنى ئىزچىل ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن. ئۇلار، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل تەرەققىياتىنى بوغۇپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى يوقىتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىدىن يىراقلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت