دائىرىلەر ئاقسۇدىكى ھەر بىر كەنتتە قوش تىللىق يەسلى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاقسۇ دائىرىلىرى ئاقسۇدىكى ھەر بىر كەنتكە بىر قوش تىللىق يەسلى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى-«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاقسۇ دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر پىلانى ئاقسۇدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر پارچىسىكەن.

ئاقسۇ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ قوش تىل مائارىپىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ليۇ گاڭ، ھازىر ئاۋات ئاھالىسىنىڭ پەقەت يېرىمى قوش تىللىق يەسلىگە بارالايدىغانلىقىنى، لېكىن 2021‏-يىلغا قەدەر ناھىيەدە 66 قوش تىل يەسلىسى قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «قوش تىل مائارىپى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى، جەمئىيەت ئىشلىرىدا ئاكتىپ رول ئوينىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، ئىتتىپاقلىقنى ئالغا سۈرۈشكە پايدىلىق» دېگەننى تەكىتلەپ كەلدى.

ئەمما ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، زىيالىيلار قوش تىللىق مائارىپنىڭ غەرىزى ئۇيغۇر ئانا تىلىنى چەكلەپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى پەرقنى يوقىتىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

ئەمما ليۇ گاڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە، «قوش تىللىق پروگرامما يەرلىك ئاتا، ئانىلار ئارىسىدا ناھايىتى مودا. ئۇلار تىلنى بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى ۋە كەسپىي ھاياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايدۇ» دېگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرىنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئاشكارىلىشىچە، 2014‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپىدا ئوقۇيدىغان يەرلىك ئوقۇغۇچىلار 69 % گە يەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت