خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا «قوشماق تۇغقانچىلىق» سىياسىتىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا «قوشماق تۇغقانچىلىق» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى ھەدەپ كۈچەيتكەن.

خىتاينىڭ ھەرقايسىي تاراتقۇلىرىدىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە بىردەك خىتايلار بىلەن تۇغقانلاشقان، ئاكا-ئۇكا بولۇشقان ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بۇ ئاتالمىش خىتاي «تۇغقانلىرى» نىڭ سايىسىدە باي بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىدەك تەشۋىقاتلار ئالغا سۈرۈلمەكتە.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 27-ئىيۇن كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ۋاڭسەن كوچىسىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق بىر ئاشخانا تەشۋىق قىلىنغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاقسۇدا ئاكا-ئۇكا قېرىنداش بولۇشقان خىتاي يەن جيەنبو بىلەن ئۇيغۇر مۇختار روسۇل بىرلىكتە ئاشخانا ئاچقاندىن كېيىن بېيىش يولىغا قاراپ ماڭغان ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ «ھالال» غىزالىنىشتىن ئىبارەت ئاساسىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى نەزەردە تۇتقاندا بۇ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاشخانىسى» دا قانداق يېمەكلىكلەر سېتىلىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر پارچە خەۋەردە بولسا خۇبېي ئۆلكىسىدىن يەكەنگە ئىشلىگىلى كەلگەن سۇڭ چى بىلەن رېن سەنماۋنىڭ شۇ يەردىكى نۇرمەمەت بىلەن قوشنا بولۇپ قالغانلىقى، بۇ ئىككىيلەننىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە ياردەم قىلىشى بىلەن نۇرمەمەتنىڭ ئېشەك سۈتى سودىسىنى باشلاپ كۈندە 700 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىغان ھاللىق كىشىگە ئايلانغانلىقىدەك ھېكايە بايان قىلىنغان.

ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي يوسۇندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقانچىلىق» سىياسىتىنىڭ مەقسىتىنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىنى 24 سائەت بويىچە نازارەت قىلىش، دەپ قارىماقتا. ئۇلار يەنە بۇنى ئىنسان ھاياتىنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىگە قىلىنغان ئېغىر دەرىجىدىكى دەخلى-تەرۇز، دەپ تەنقىد قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت