خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇملۇقلارنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى جىددىي داۋاملاشتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-07-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

3-ئىيۇل كۈنى شىنخۇا تورىدا تارقىتىلغان «تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى تەجرىبە يېشىل ئارىلى» ماۋزۇلۇق بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە تەكلىماكان قۇملۇقىدا يېشىللىق بەرپا قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە جىددىي ئىزدەنمەكتىكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ خىزمەتنى ئۈستىگە ئالغان تەتقىقاتچىلار 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، قۇملۇقتا ئۆسىدىغان توغراق، يۇلغۇن، يانتاق، جۇزغۇن قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۈستىدىن نۇقتىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە ئۇلارنى تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە تارىم ۋادىلىرىدا يېتىشتۈرۈپ، يېشىل تەجرىبە ئاراللىرىنى بەرپا قىلغان.

تەتقىقاتچىلاردىن بىرى شىنخۇا تورىغا قىلغان سۆزىدە يانتاقلارنىڭ قۇملۇقنى تىزگىنلەشتە ناھايىتى مۇھىم رولى بار ئۆسۈملۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «مەن ھازىر ئېتىز-ئېرىق ئېكېئولوگىيەلىك سىستېمىسى ۋە ئاتموسفېرادىكى ئازوت قاتلىمىنىڭ يانتاقلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن. چۈنكى بۇ يانتاق قاتارلىق قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى كەلگۈسىدە يۈزلىنىدىغان يېڭى بىر كېلىماتتۇر» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇندىن ئىلگىرى تارقاتقان خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ 2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان 3 يىل ئارىلىقتا تارىم ۋادىسىدىكى توغراقلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭدا ئاساسلىق تارىم دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرى بولغان يەكەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، خوتەن دەرياسى ۋە كۆنچى دەرياسى قاتارلىق 4 دەريا بويىدىكى توغراقلىقلار ئاساسىي نىشان قىلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇملۇقلاردا ۋە تارىم دەرياسى بويىدىكى توغراقلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇنچە ئەھمىيەت بېرىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ قۇرۇلۇشى ۋە كۆكەرتىش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن زور كۆلەمدە مەبلەغ ئاجراتقان. كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تىبەت ئېگىزلىكىدىكى يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنى تەكلىماكانغا باشلاپ، كەلگۈسىدە بۇ رايونغا زور ساندا ئاھالە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت