قۇمۇل رايونىدا بايقالغان قەدىمكى جانلىق - پتېروزاۋر تاشقاتمىلىرى دىققەت قوزغىماقتىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەدىمكى يوقالغان جانلىق - پتېروزاۋرنىڭ كۆپلىگەن تاشقاتمىلىرى بايقالغان بولۇپ، بۇ جاي خىتايدىكى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان قەدىمكى جانلىقلار تاشقاتمىسى چىقىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلار تەتقىقات ئورنى بىلەن قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى يېقىنقى ئون يىللىق دالا تەكشۈرۈشى ئارقىلىق قۇمۇل رايونىدا بەش دانە پتېروزاۋر تۇخۇمى ۋە 40 قا يېقىن چىشى، ئەركەك پتېروزاۋر تاشقاتمىسىنى بايقىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، قۇمۇلدىن بايقالغان بۇ پتېروزاۋر تاشقاتمىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ زىچ توپلانغان شۇنداقلا دۇنيا بويىچە بىردىنبىر ئۆلچەملىك ساقلانغان پتېروزاۋر تاشقاتمىسى ھېسابلىنىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر، «تەڭرىتاغ قۇمۇل پتېروزاۋرلىرى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ تاشقاتمىلار خارابىسىنىڭ قەدىمكىي جانلىقلار ئېكىسپېدىتسىيەسى ساھەسىدە 200 يىلدىن بۇيان ئادەمنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان زور بايقاش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ بايقاش يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يىراق قەدىمكى زاماندا دىنوزاۋر تىپىدىكى قەدىمكى يوقالغان جانلىقلار ياشىغان بىر جۇغراپىيە بولغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت