قۇربان مامۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى داۋاملىق مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىدە بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇندا غايىب بولغان پېشقەدەم ژۇرنالىست قۇربان مامۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەندىن كېيىن ھەرقايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرى بۇ خەۋەرنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ باستى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققىتىنى قوزغىدى.

بولۇپمۇ قۇربان مامۇتقا ئوخشاش مەدەنىيەت ساھەسىدە ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغان ھەمدە ياشىنىپ قالغان بىر زىيالىينىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى ھەرىكەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تېخىمۇ روشەن ئېچىپ بەردى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرىي تۈركەل مەزكۇر كومىتېتنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە بۇنىڭغا باھا بېرىپ: «قۇربان مامۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى بالا-چاقىلىرىنى شۇنداقلا بىزنىڭ ئامېرىكادىكى قوشنىلىرىمىزنى پەرىشانلىققا مەھكۇم قىلماقتا،» دېدى. ئۇ يەنە قۇربان مامۇتقا ئوخشاش ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مەتبۇئات ئورنىدىن پېنسىيىگە چىققان بىر تەھرىرىنىڭمۇ بۇ شامالدىن ئامان قالمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت