ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلىگەن قۇربان نىياز «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى» بولۇپ تاللانغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-09-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

5-سېنتەبىر كۈنى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى «7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى» نىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. جەمئىي 58 نەپەردىن تەركىب تاپقان بۇ «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى» ئارىسىدىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر ۋەكىل ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلىگەن قۇربان نىياز بولغان.

ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا شەخسىي خىراجىتى بىلەن «دۆلەت تىلى مەكتىپى» ئاچقان قۇربان نىياز 2018-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاراتقۇلىرىدا بىردىنلا كۆككە كۆتۈرۈلگەن شەخسكە ئايلانغانىدى. 

ئۇ ھەتتا شۇ يىلى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىللىگەن «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ قىرىق يىللىق مۇساپىسىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان 100 نەمۇنىچى» نىڭ بىرى بولغان. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، تەبىئىي پەن، مەدەنىيەت-سەنئەت، تەنھەرىكەت ساھەلىرىدىكى ما يۈن، ياۋ مىڭ، لاڭ پىڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم سەرخىللەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ تاللانغان بىردىن-بىر كىشىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتاي تىلى ئۆگىتىش بىلەنلا قالماي، ئۇلارنى يەنە مەكتەپ ھويلىسىغا سېلىنغان كۇڭزى ھەيكىلىگە تەزىم قىلىشقا سالغان قۇربان نىيازنىڭ بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش ئۈلگىسى قۇربان نىياز 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى لاگېرلارغا قامالغان شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي پەن ياكى ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدىكى مىڭلىغان سەرخىللىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوبزورچى يالقۇن روزى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپ، شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر قاتارلىقلار ئېغىر تۈرمە جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغان ئەھۋالدا خىتاي بويىچە «ئەخلاق نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالاندى. 

تېخى يېقىندا ئېلان قىلىنغان ۋە خىتايدا تۇنجى قېتىم تارقىتىلىدىغان «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» ۋە «جۇمھۇرىيەت شەرەپ نامى» نامزاتلىرىنىڭ تىزىملىكىدىمۇ غەيرەت مامۇت ئىسىملىك بىر نەپەر ئۇيغۇر ئورۇن ئالغان. دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، خىتاينىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلارنى تەقدىرلەشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بۇ مۇكاپاتنىڭ نامزاتلىرى ئارىسىدا بىر نەپەر ئۇيغۇر يەنى 2016-يىلى گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بومبا پارتلاش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئەينى چاغدىكى گۇما ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت مامۇت ئورۇن ئالغانىدى. رادىئومىز ئەينى چاغدا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا گۇمانىڭ كۆكتېرەك يېزا 23-كەنتىدە يۈز بەرگەن شۇ كۈنكى ۋەقەدە غەيرەت مامۇتنىڭ ئىدارىدىكى بىر خىتاي ساقچى ئىشقا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئائىلە تەكشۈرۈشىگە چىققانلىقى ۋە تۇيۇقسىز بايقالغان بىر گۇمانلىق ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ئۆينىڭ گەمىسىگە چۈشكەندە بومبا پارتلاپ كېتىپ نەق مەيداندا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. يۇقىرىقىدەك مۇكاپاتلارغا تاللىنىۋاتقان خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى روشەن سېلىشتۇرما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت