«مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتاب خىتايدا كەڭ تەشۋىق قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


يېقىندا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئارقا - ئارقىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتور قۇربانجان سەمەت يازغان «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابنىڭ خىتايدا ئەڭ بازار تاپقان 10 كىتابنىڭ بىرى بولغانلىقىنى داۋراڭ سالماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، قۇربانجان سەمەت خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئوپېراتورى بولۇپ، مەزكۇر كىتابنى خىتايچە تىلىدا يېزىپ نەشر قىلدۇرغان.

بۇ كىتابتا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان شۇنداقلا ئۆز كەسپىي ساھەسىدە ئۇتۇق قازاندى دەپ قارالغان 100 دىن ئارتۇق شەخسنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ قىزىدىن تارتىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىتايلار بىلەن تويلاشقان ياكى ئىككى مىللەتتىن تۇغۇلغان «مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى» شالغۇت «ئۇيغۇر» لارغا قەدەر 100 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «شىنجاڭلىق» لارنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن.

ئاپتور بۇ كىتابى ئارقىلىق خىتاي تىللىق ئوقۇرمەنلەرگە «شىنجاڭلىقلار» نىڭ تاراتقۇلاردا كۆرسىتىلگەندەك «تېررورچى»، «دىنىي ئاشقۇن» ياكى «زوراۋان» لاردىن ئەمەس، بەلكى «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى» غا تۆھپە قوشقان «ئاز سانلىق مىللەت» لەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

مەزكۇر كىتاب بازارغا سېلىنىپلا ئاپتورى قۇربانجان سەمەتنىڭ خىتايدىكى ئاتاقلىق يازغۇچىغا ئايلانغانلىقى ۋە بۇ كىتابنىڭ خىتايدا ئەڭ بازار تاپقان 10 كىتاب تىزىملىكىگە كىرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۈنشەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىقلار قۇربانجان سەمەتنى ئايرىم - ئايرىم قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭ كىتابىنى ئالاھىدە ماختىغان.

كۆزەتكۈچىلەر، قۇربانجان سەمەت ئاپتورلۇقىدىكى بۇ كىتابنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن دەستەك بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت