ئىلى ۋادىسى ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-08-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى بۇ يىلى ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىلى ۋادىسىنىڭ ئۆزىدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 80 مىڭ گېكتار بولۇپ، بۇ يىل بۇغداي، قوناق ۋە باشقا ياغلىق زىرائەت مەھسۇلاتلىرىدىن 40% ئاز ھوسۇل ئېلىنىشى مۇمكىن.

چاپچال ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر دېھقان «بىز ئاشلىق مەھسۇلاتىغا ئۆمىد باغلىماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى، بۇ يىل ئۇنىڭغا قانچىلىق مەبلەغ سالساق، شۇنچىلىك زىيان تارتىمىز، دېگەن. يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلقى قۇرغاقچىلىق مەزكۇر رايوندىكى 45 يېزىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە تەسىر يەتكۈزگەن بولۇپ، 4 مىليون تۇياق مال قارنىنى تويدۇرالماسلىق ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىلى ۋادىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق بازىسى بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى يىللاردىكى شەھەرلىشىش قەدىمى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، كان بايلىقىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيى تارتىلىپ، سۇ مەنبەئەلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

مۇتەخەسسىسلەر، بۇ خىل تەبىئەتكە مۇخالىپ تەرەققىيات شەكلى دەرھال توختىتىلمىسا، ئىلى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

يېقىندا، خەلقئارا يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىلى ۋادىسىدىكى پىلىچى كۆمۈر كېنىغا قۇرۇۋاتقان كۆمۈر گاز قۇرۇلۇشىنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى، بۇ رايونغا قۇرۇلۇۋاتقان كۆمۈر گاز زاۋۇتى قويۇپ بەرگەن كاربون دىئوكسىد، بۇ رايوننىڭ ئىقلىمىغا تەسىر قىلىپ،، ھاۋانىڭ تېخىمۇ ئىسسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت