شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭى ياقابۇلاق كەنتى رامىزاندا دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق چەكلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭى ياقابۇلاق كەنتى رامىزانلىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، دىنىي پائالىيەتلەر ۋە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە قاتتىق چەكلىمە قويغان. د ئۇ ق نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياقابۇلاق كەنت كادىرلىرى، كەنت ساقچى ئىشخانىسى، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىك ئۇرۇقچىلىق پونكىتىنىڭ مەزكۇر كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنت ئاھالىسىنىڭ رامىزان ئېيىدىكى پائالىيىتىنى كۆزىتىشكە مەخسۇس بىرلەشمە ئەترەت تەشكىل قىلىنغان.

مەزكۇر ئەترەتنىڭ چىقارغان 7 ماددىلىق بەلگىمىسىدە، 24 سائەت نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ تۇرۇش، نۇقتىلىق كىشىلەرنى، ئالاھىدە ئامما ۋە مەھبۇسلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى داۋاملىق كۆزىتىش، ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى ئىككى ۋاق كەنتكە كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تۇرۇشى، مەيدانىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

بەلگىلىمىدە يەنە، سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرگە مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ بارماق ئىزى ۋە چاچ ئۆلگىسىنى يىغىش، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىن قايتىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ئالاھىدە دىققىەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەسچىتلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، قانۇنسىز دىنىي كىتابلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش، مەسچىتكە سېلىنغان گىلەملەرنىڭ ئاستىنى ئېچىپ تەكشۈرۈپ، قانۇنسىز بۇيۇملارنىڭ يوشۇرۇپ قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقىگھا قاراش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، مەزكۇر بەلگىلىمە كەنت خەلقىنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكى ۋە رامىزان ئېيىدىكى دىنىي ئىبادەت پائالىيىتىگە قويۇلغان ئېغىر چەكلىمە، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت