مارالبېشى ناھىيىسىدە رامىزان ھارپىسى ئۇيغۇر كادىرلار دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ۋەدىسى بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رامىزاننىڭ ھارپىسىدا مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ئىدارە، جەمئىيەتلەر پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، كادىرلاردىن دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا ۋەدە ئالغان. مەزكۇر پائالىيەتنى ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىللىگەن.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەدە ئېلىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، 12‏-ئىيۇن مارالبېشى ناھىيەلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر ئىدارىدىكى بارلىق كادىرلار يازما ۋە ئاغزاكى ۋەدە بېرىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھىجاپ ئارتمايدىغانلىقى، ساقال قويمايدىغانلىقى، قانۇنسىز دىنىي ئىدىيە بىلەن ئۇچراشمايدىغانلىقى، ئەكسىلىنقىلابى تەشۋىقات ئاڭلىمايدىغانلىقى ۋە كۆرمەيدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار يەنە، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەجگە ئىلتىماس قىلمايدىغانلىقىنى، ھەجگە بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ دىنغا ئىشەنمەيدىغانلىقى، دىنىي پائالىيەتكە قاتناشمايدىغانلىقى، روزا تۇتمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەت ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «پارتىيە، ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ۋە كادىرلارنىڭ 3 قانۇنسىزلىقنى توسۇش، 4 نى قىلماسلىق خىزمىتى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ناملىق ھۆججىتىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان.

لېكىن، خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتى جۈمە كۈنى مىسىر ئەل‏-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىمامىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئىمام ئەخمەت ئەل تاييىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق بېسىمنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت