رېينا كۇلۇبى قاتىلى رەسمىي تۈردە قولغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدىكى رېينا كەچلىك كۇلۇبىدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان، كېلىپ چىقىشى ئۆزبېكىستانلىق ئابدۇقادىر ماشارىپوۋ ئىستانبۇل رايونلۇق سوتىنىڭ قارارى بىلەن رەسمىي تۈردە قولغا ئېلىنغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىنىڭ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش باشقارمىسى 16-يانۋار كۈنى ئابدۇقادىر ماشارىپوۋنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ دېلوسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ «ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش»، «تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ۋە تىنچ پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلىكى» قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئابدۇقادىر ماشارىپوۋ 2017-يىلىنى كۈتۈۋېلىش يېڭى يىل كېچىسىدە ئىستانبۇلدىكى مەشھۇر رېينا كۇلۇبىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، ئاپتوماتىك قورال بىلەن ئوق چىقىرىپ، 39 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 69 ئادەمنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن 16 كۈن يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ ئاخىرى قولغا چۈشكەن ئىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ رېينا كۇلۇبىغا ھۇجۇم قىلىش جەريانى، كىمنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇق بەرگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ دائىش ئەزاسى ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئېتىراپ قىلغان شۇنىڭدەك مەزكۇر مەلۇماتلار ئىلگىرى مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت