ئىقتىسادشۇناس ژورنىلى: «ئۇيغۇر رادىيوسى غەربنىڭ بۇ خىل رادىئو ئىستانسىسىلىرىغا يەنىلا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ئىقتىسادشۇناس» ژورنىلى 24‏-ئۆكتەبىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خىتايدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاشكارىلاشتا ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى، ئۇلارنىڭ جەسۇرلۇق بىلەن بەرگەن خەۋەرلىرى سوغۇق ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ، غەربنىڭ بۇ خىل رادىيو ئىستانسىلىرىغا پۇل ئاجرىتىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. «خىتاينىڭ گۇلاگلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئامېرىكانىڭ قوللىشىدىكى رادىيوغا قەرزدار» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، ئۇيغۇر رايوندىكى دەھشەتلىك رېئاللىقنى پاش قىلىشتا ئىلمىي تەتقىقاتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى، دۆلەتنىڭ قوللىشىدىكى ئاخباراتچىلىق زامانغا ئۇيغۇن ئەمەستەك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ نۆۋەتتە بۇ خىل ئىدېئولوگىيەلىك تەشۋىقات ئۇرۇشىغا مەپتۇن ئىكەنلىكى، بۇنىڭ دەل غەرب ئالدىنى ئېلىش كېرەك بولغان مەسىلە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر ژورناسلىتلىرىنى ئىشقا ئېلىش ئارقىلىق ئادەتتىكى تاراتقۇلار قىلالمايدىغان ئىشلارنى ئىشقا ئاشۇرغان. ماقالىدە، «بىر گۇرۇپپا مۇخبىر ئۆزىنىڭ تىلىنى ئىشلىتىپ، يەرلىك ئۇچۇر مەنبەلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىر ساقلاش تاملىرىدىن بۆسۈپ ئۆتتى. بۇنىڭ بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى رايونغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاشتا ئالدىنقى سەپكە ئايلاندى» دېيىلگەن. 

ماقالىدە يەنە ئۇنىڭ تاشقى دۇنيانى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىمۇ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قانۇنىدا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ يىللىق خام چوتى بىر ھەسسە ئۆستۈرۈلگەنلىكى، بۇ خىل ئۆستۈرۈشنىڭ ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئەرزىيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. 

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكانىڭ يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە بەزى شىركەتلىرىگە ئىمبارگو قويغانلىقى، لېكىن ئىمبارگونىڭ تەسىرىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، «بەلكىم، ئىمبارگو كومپارتىيەنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭغا زىيان سېلىشى ناتايىن. غەرب شىنجاڭدەك جايلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىيەمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ھېچ بولمىسا ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرىنى ئاشكارلىئاشقا ياردەم بېرەلەيدۇ» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت