رىك سكوت: «خىتاي بىز ئۈچۈن شېرىك ئەمەس، بەلكى رەقىبتۇر!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-05-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى رىك سكوت 13-ماي كۈنى «گۇي بېنسون سۆھبىتى» ناملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا سۆز قىلىپ بۇ قېتىم پۈتكۈل ئامېرىكانى ئېغىر بالايىئاپەتكە ئۇچراتقان تاجسىمان ۋىرۇسىغا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جاۋابكار بولۇشى لازىملىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشى تۈپەيلىدىن دۇنيا بويىچە نەچچە يۈز مىڭ ئىنساننىڭ ھاياتى نابۇت بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇ جەھەتتە قەتئىي ۋە ئۈزېل-كېسىل تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «مەن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ۋابانىڭ ۋە ۋىرۇسنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە باشتىلا ئېنىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇپ بولغان. ئەمما ئۇلار بۇنى غەرەزلىك ھالدا يوشۇرغان، دەپ قارايمەن» دېگەن.

ئۇ يەنە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تەشۋىقات قورالى بولۇپ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئىزچىل يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل قاتارىدا تىلغا ئالغان.

رىك سكوت بۇ توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز ھازىر شۇنى ئوچۇق كۆرۈپ يەتتۇقكى، خىتاي كومپارتىيىسى كونتروللۇقىدىكى خىتاي بىز ئۈچۈن ھېچقانداق ئىقتىسادىي شېرىك ئەمەس، ئەكسىچە بىز ئۈچۈن بىر چوڭ رەقىب» دېدى. ئۇ بۇ قېتىمقى مەسئۇلىيەتنىڭ ھېساباتىنى ئېلىش بىلەن بىرگە بۇ ھالغا خاتىمە بېرىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە تېز چارىسى ئامېرىكالىقلار خىتايدا ئىشلەنگەن ھېچقانداق مالنى ئالماسلىق، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت