روھېڭگا مۇسۇلمانلىرى كۆمۈلگەن بەش چوڭ گۆر تېپىلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018-02-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«خاففىڭتون پوچتىسى» خەۋەرلەر تورىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىندا بىرمانىڭ راھىنە ئۆلكىسىدە قىرغىن قىلىنغان روھېڭگا مۇسۇلمانلىرى ئوپچى كۆمۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يەنە بەش چوڭ گۆر تېپىلغان.

خەۋەرگە قىلىنىشىچە، بۇلار بىرما ئارمىيىسى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان روھېڭگا مۇسۇلمانلىرى كۆمۈلگەن چوڭ گۆر، دەپ قارالغان.
خەۋەردە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدىن نەقىل ئېلىشىچە، بىرمادىكى قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ نۆۋەتتە بېنگالدا پاناھلانغان بىر قىسىم روھېڭگالىقلار يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان چوڭ گۆرلەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن ۋە بۇنداق گۆرلەرنىڭ يەنە كۆپلۈكىنى ئېيتىشقان. 

خەۋەرگە قارىغاندا، بىرما ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى چوڭ گۆرلەردىن پەقەت بىرىنىلا تەن ئالغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا 10 نەپەر روھېڭگا «تېررورچىسى» كۆمۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، روھېڭگا مۇساپىرلىرى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە ئۆتكەن يىلى 27-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتا 200 دىن ئارتۇق بىرما ھۆكۈمەت ئەسكىرىنىڭ گۇ دار پيىن يېزىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، كېيىن قىرغىنچىلىقتا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى بىر يەرگە توپلاپ، ئۇلارنىڭ قېشىغا باشقىلارنى يېقىن كەلتۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىرما ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان روھېڭگا مۇسۇلمانلىرى توپلىشىپ ياشايدىغان راھىنە ئۆلكىسىدە «تېررورچىلارغا زەربە بېرىش» نامىدا ھەر خىل شەكىلدىكى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

باستۇرۇش 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى ئەۋجىگە چىققان. بىرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسى روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىق، قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەن. خەۋەرلەردە روھىنگالىقلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرى كۆيدۈرۈلۈپ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئادەمنىڭ بىرما ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. كۆپلىگەن روھېڭگالىقلار بېنگالغا قېچىپ بېرىۋالغان.

ھازىرچە قىرغىنچىلىقتا زادى قانچىلىك روھىنگالىقلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ھالبۇكى، بىرما ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا پەقەت «تېررورچىلار» نىڭلا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى تەن ئالمىغان.

ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ب د ت نىڭ بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغان قارارى خىتاينىڭ توسقۇنلۇقى سەۋەبلىك روياپقا چىقمىغان ئىدى.

تولۇق بەت