خىتاي ھۆكۈمىتى روجىستىۋا بايرىمى ۋە يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي ھۆكۈمىتى روجىستىۋا بايرىمى ۋە يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.

د ئۇ ق ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ۋە مەسچىت ئەتراپلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوراللىق ساقچىلار كۆپەيتىلىپ، يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش، ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «خىتاي بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قاتتىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.»

ئۇ يەنە، يېزا بىلەن بازار ئوتتۇرىسىدىكى پونكىتلاردا، شەھەرگە كىرىش ئېغىزلىرىدا، تاش يول، ئاپتوبۇس بېكىتى، ئايرودروم ۋە پويىز ئىستانسىلىرىدا تەكشۈرۈش كۈچەيتىلگەنلىكىنى، بىراق تەكشۈرۈشنىڭ نىشانلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچىدىكى بىر خىتاي كۆچمەن ئاھالىسى، ئۈرۈمچىدە كوچا ئاپتوبۇسلىرىنىڭ ھەر بىر بېكەتتە توختىتىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېمەكلىك يېغى، سۈت ۋە بوتۇلكىلىق سۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئاپتوبۇس ۋە پويىزغا ئېلىپ چىقىش مەنئى قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت