رۇس-خىتاي دېڭىز كۈچلىرى ياپون دېڭىزىدا مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-09-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيە بىلەن خىتاي ياپونىيە ئەتراپىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلاش ئالدىدا تۇرماقتا، رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىدىن، «رۇس باھارى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، 18-دىن 26-سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىر رۇسىيەنىڭ تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ بازىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرغا رۇسىيە ۋە خىتاي تەرەپ 11 سۇ ئۈستى ۋە ئىككى سۇ ئاستى پاراخوتى قاتناشتۇرىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلغار ۋە ياخشى قوراللانغان ھەربىي پاراخوتلاردۇر.

بۇلاردىن باشقا يەنە ھەربىي مانېۋىرغا رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئالتە دانە ھەر خىل ئايروپىلانلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىككى ھەربىي ئايروپىلانى قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

«دېڭىزدىكى ھەمكارلىق 2017» دەپ ئاتالغان مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدىغان رايون ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، بىر بۆلىكى ۋلادىۋوستوكتىكى دېڭىز قىرغىقىدا بولۇپ، ئىككى تەرەپ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇلار ئارقىدىن، 22-سېنتەبىردىن باشلاپ، ئوخوت دېڭىزى ۋە ياپون دېڭىزى رايونىدا مانېۋىر قىلىدىكەن.

رۇسىيە-خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى شىمالىي كورېيە كرىزىسى ئېغىرلاشقان، ئامېرىكا ۋە ب د ت نىڭ شىمالى كورېيەنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشىنى توختىتىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى. پىيوڭياڭنىڭ موسكۋا ۋە بېيجىڭنىڭ كونا ئىتتىپاقچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ كېلىنگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت