روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش بىكار قىلىندى، قەشقەر توپ سېتىش بازارلىرىنىڭ ماللىرى توختاپ قالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 28-ئىيۇل يەكەن توقۇنۇشىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىدارە، ئورگانلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ روزا ھېيتلىق دەم ئېلىشى بىكار قىلىنغان. يەكەن ناھىيىسىدە ئۇچۇر قامال قىلىنىپ، تېلېفون-ئىنتېرنېت ئالاقىسى ئۈزۈلگەن.

قارىمايدىكى خىتاي تورداشلىرى يوللىغان ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىدا، قارىماي شەھىرىدە روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش بىكار قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باشقا شەھەر، رايونلىرىدىمۇ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ روزا ھېيتلىق دەم ئېلىشى بىكار قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بايراملىق قانۇنىي دەم ئېلىشىنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئۈندىدار، چ چ تورىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە يەنە قەشقەر شەھىرىدىن ھەرقايسى ناھىيىلەرگە مال يۆتكەشمۇ يەكەن توقۇنۇشى سەۋەبىدىن توختاپ قالغان. 29-ئىيۇل ساۋ خيڭيەن ئىسىملىك بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك خادىم تەرىپىدىن ئۈندىدار تورىغا يوللانغان جىددىي ئۇقتۇرۇشتا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ۋە مەكىت ناھىيىسىدە 27-ئىيۇل تۈن نىسپىدىن كېيىن(يەنى 28-ئىيۇل سەھەردە) يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھۇجۇمى قەشقەر شەھىرىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگىنى ئۈچۈن، قەشقەر شەھىرىدىكى توپ تارقىتىش بازىرىدىن بۇ ناھىيىلەرگە مال يۆتكەشنىڭ توختىتىلغانلىقى، ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى ھەققىدە كېيىن ئايرىم ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت