رۇس مۇتەخەسسىسلىرى 2050 - يىلىغا بارغاندا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ مىللەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


رۇس مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىندا تەخمىن قىلىشىچە، ئەگەردە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاق مەزگىلگىچە ئوڭۇشلۇق داۋاملاشسا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ 2050 - يىلىغا بارغاندا رۇسىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ مىللەتكە ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ تەخمىننى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللىي ئىگىلىكنى ئالدىن مۆلچەرلەش ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا بىر خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقى مەلۇم.

ئۇلار بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: «مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىن رۇسىيەگە ئېقىپ كېلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ داۋاملىق كۆپىيىش مۇمكىنچىلىكىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق خۇلاسىگە كەلگەن: ئەگەردە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئىزچىل داۋاملاشسا، 2050 - يىلىغا بارماي تۇرۇپ رۇسىيەگە يەرلىشىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان كۆچمەنلەردىن ئېشىپ كېتىدۇ ھەمدە خىتايلار رۇسىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ مىللەتكە ئايلىنىدۇ.»

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «2030 - يىلىغا بارغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن رۇسىيەگە بارىدىغان كۆچمەنلەر زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى كۆپ قىسىم ياشلار ئوقۇش ۋە ئىش پۇرسىتى ئىزدەپ چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ رۇسىيەگە داۋاملىق ئەمگەك كۈچى ئېكىسپورت قىلىشى ئازىيىدۇ. بۇنىڭ ئورنىنى شەك - شۈبھىسىزكى، خىتايدىن رۇسىيەگە تۈركۈملەپ كېلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى ئىگىلەيدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيە فېدىراتسىيەسىدە تۇغۇت نىسبىتى پەلەمپەيسىمان ھالدا تۆۋەنلەپ كەتكەن. يېقىنقى 20 نەچچە يىل مابەينىدە تۇغۇلىۋاتقان بوۋاقلار ئازايغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ نىسبىتى ئازىيىپ نوپۇستا ئېغىر دەرىجىدە قېرىلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. بۇ ھال رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى نوپۇس يۈزلىنىشىدە خىتايدىن كېلىدىغان كۆچمەنلەر تەھدىتىنى ھېس قىلدۇرماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت