رۇسىيە بىلەن ھىندىستان بىر قاتار ھەربىي - ئىقتىسادىي كېلىشىم ئىمزالىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

برىكس تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ئۈچۈن ھىندىستانغا كەلگەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن كۆرۈشۈپ، رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پۈتۈشتى.

شەنبە كۈنىدىكى بۇ ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە، رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا بىر قاتار ھەربىي ۋە ئېنېرگىيە كېلىشىملىرى ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ قېتىم موسكۋا بىلەن يېڭى دېھلى ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەر 16 گە يەتكەن.

«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتى، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر 16 كېلىشىمنىڭ ئىچىدە ھىندىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ ھەمكارلىشىپ، 200 دانە ھەربىي ئايروپىلان ياساش پىلانىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھىندىستان رۇسىيەدىن قوغدىغۇچى پاراخوت ۋە ھىندىستاننىڭ پاكىستان ۋە خىتاي بىلەن بولغان چېگرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان راكېتا ھۇجۇملىرىغا قارشى«س - 400» تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىقلارنى سېتىۋالىدىكەن.

شەنبە كۈنى مودى يەنە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەنمۇ ئايرىم كۆرۈشكەن.

ھىندىستان، رۇسىيە، خىتاي،برازىلىيە، ۋە جەنۇبى ئافرىقىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت تەسىس قىلغان برىكس تەشكىلاتىنىڭ 8 قېتىملىق ئالى رەھبەرلىرى يىغىنى ھىندىستاننىڭ گوئا شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى شى جىنپىڭ سۆزىدە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ قىيىن باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان.

يىغىن جەريانىدا ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت