رۇسىيە مىسىردىكى ساياھەتچىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-11-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە مىسىردا دەم ئېلىۋاتقان رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەردىن 11 مىڭ ئادەم رۇسىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە كۆپ ساندىكى رۇسىيىلىكلەر نۆۋەت بويىچە رۇسىيەگە قايتىپ كېلىشنى كۈتمەكتە ئىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە يەنە مىسىردىكى ساياھەتچىلىرىنىڭ يۈك تاقلىرىنىمۇ قايتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، موسكۋادىكى ۋنۇكوۋا ئايرودرومىغا 30 توننا يۈك - تاق ئېلىپ كېلىنگەن.

31 - ئۆكتەبىر كۈنى رۇسىيەنىڭ «ئا321» يولۇچىلار ئايروپىلانى مىسىرنىڭ شارم - ئەش شەيخ رايونىدىن رۇسىيەنىڭ سانكتپېتېربۇرگقا ئۇچۇش جەريانىدا ھادىسىگە ئۇچراپ، 224 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئەنگلىيە ئۆز ساياھەتچىلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە باشلىغان ئىدى. ئارقىدىن رۇسىيەمۇ ئۆز ساياھەتچىلىرىنى مىسىردىن قايتۇرۇپ كېلىشكە باشلىدى.

رۇسىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىسىردا 80 مىڭ رۇسىيەلىك ساياھەتچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى مىسىردىكى شارم - ئەش شەيىخ ۋە ھۇرگاد قاتارلىق ساياھەت ئورۇنلىرىدا ئورۇنلىرىدا دەم ئالىدىكەن.

مىسىر رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ بارىدىغان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 2014 - يىلى، 3 مىليوندىن ئارتۇق رۇسىيەلىك ساياھەتچى مىسىرغا بارغان.

«ئا321» يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش سەۋەبى ھەققىدە تۈرلۈك قىياسلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ «خەۋەرلەر» ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىدە مىسىرنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈش كومىسسىيەسى مۇتەخخەسىسلىرىنىڭ «ئا321»ئايروپىلانىدا بومبا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇشى ئېھتىماللىقى بارلىقى، بىراق بۇنىڭ تېخى تولۇق ئىشەنچىلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىم ئېيتىلدى.

ۋەقەدىن كېيىن ئەنگلىيە، ئايروپلانلارنىڭ مىسىرغا ۋە مىسرادىن ئەنگلىيىگە ئۇچۇشىنى توختاتقان. رۇسىيەمۇ، جۈمە كۈنى ئايروپلانلارنىڭ مىسىرغا ئۇچۇشىنى توختاتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت