رۇسىيەنىڭ يېڭى ھەربىي تەلىماتىدا ناتو ئاساسىي خەۋپ سۇپىتىدۈ بېكىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


جۈمە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ يېڭى ھەربىي تەلىماتىنى تەستىقلىغان بولۇپ، رۇسىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇشبۇ ھۆججەتتە رۇسىيە ئۈچۈن ئەڭ ئاساسىي ھەربىي خەۋپلەر سۈپىتىدە ناتو قۇدرىتىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى ۋە ئايرىم رايونلاردىكى مۇقىمسسىزلىقلار قەيت قىلىنغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن ئىچكى تەھدىتلەر سۈپتىدە رۇسىيە ئايرىم رايونلىرىدىكى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ۋە تېررورىزم پائالىيىتىنى مىسال قىلىپ كۆرسىەتكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن 2010 يىلى ماقۇللانغان رۇسىيىنىڭ ھەربىي تەلىماتىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى پەرمانغا ئىمزا قويغانلىقى ھەققىدە خەۋەر قىلىنغانىدى. پرېزىدېنت پۇتىن رۇسىيىنىڭ ھەربىي تەلىماتى بۇندىن كېيىن مۇداپىئە يۆلىنىشىدە بولىدۇ دەپ ئېيتقان.

بۇ يىل 3 - ئايدا رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋېلىشىدىن كېيىن شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەت كۈنسايىن جىددىيلىشىپ، غەرب بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ئۆتكۈرلەشتى، غەرب،بولۇپمۇ نايو ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئىزچىل رۇسىيەنى ئەيىبلەپ كەلدى ھەمدە ئۇكرائىنانى قوللىماقتا ئىدى.

تولۇق بەت