ئۆزبېكىستان رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستانلىقلارنى رۇسىيەدە ئىشلەشكە يۆتكەش كېلىشىمى ئىمزالىشى مۇمكىن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-11-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئوتتۇرا ئاسىيالىق كۆچمەن ئەمگەكچىلەر مەسىلىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان رۇسىيە ئۈچۈن كۆپ باش ئاغرىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۆز نۆۋىتىدە بىر قانچە مىليون ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەمگەكچىلەرنىڭ رۇسىيەدە قانۇنسىز ھالدا تۇرۇپ، ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى ئۆز ئۆيلىرىگە ئەۋەتىش بىلەن ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت كىرىمىگە زور پايدا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپ يېزىلغان ئىدى.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيەدە قانۇنلۇق يوسۇندا ئىشلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا. يېقىندا رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىسسىيەسى تاشكەنتتە يىغىن ئېچىپ ئۆزبېكىستانلىق ئەمگەكچىلەرنى كوللېكتىپ ۋە تەشكىللىك يوسۇندا رۇسىيەگە ئېلىپ بېرىپ ئىشلىتىش ھەققىدە كېلەر يىلى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا پۈتۈشكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 30 مىليون نوپۇسلۇق ئۆزبېكىستاندىن 6 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم چەتتە ئىشلىمەكتە. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى رۇسىيەدە تۇرماقتا، رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى رۇسىيەدە 2 يېرىم مىليون ئۆزبېكىستانلىق كۆچمەن بارلىقىنى قەيت قىلغان.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بىر مىليون ئەتراپىدا تاجىكىستانلىق، 500 مىڭدىن ئارتۇق قىرغىزىستانلىق رۇسىيەدە ئىشلىمەكتە ئىكەن. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋا دۇماسى قانۇن ماقۇللاپ، موسكۋاغا كەلگەن چەتئەللىك ئەمگەكچىلەرنىڭ ئايلىق ئىشلەش رەسمىيەت ھەققىنى 2 - 3 ھەسسە ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان. يەنى، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئايلىق ئىشلەش رۇخسەت ھەققى 85 دوللار بولىدىكەن، بۇ ئەھۋال ئۇلار ئۈچۈن قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. رۇسىيە چەتئەل پۇقراسىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇش مۇددىتىنىڭ 90 كۈندىن ئاشماسلىقىنى بەلگىلىگەن. ھازىر، موسكۋادا بىر مىليوندىن ئارتۇق چەتئەل پۇقراسى ئىشلەيدىكەن

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت