رۇسىيە غەربنىڭ پۇل - مۇئامىلە بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشقا ھەرىكەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-05-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن «برىكس»، يەنى «ئالتۇن كېسەك» تەشكىلاتىگا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە مەبلەغ فوندى قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلاپ، رۇسىيەنىڭ مەزكۇر مەبلەغ فوندىغا قاتنىشىشىنى كۈچكە ئىگە قىلدى. 100 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ فوندىغا رۇسىيە، خىتاي، ھىندىستان، برازىلىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتناشقان بولۇپ، خىتاي 41 مىليارد دوللار، رۇسىيە 18 مىليارد، جەنۇبىي ئافرىقا 5 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجراتتى. مەزكۇر ئورتاق مەبلەغ فوندى ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، رۇسىيە تەرەپ مانا ئەمدى تەستىقلىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە مەزكۇر ئورتاق مەبلەغ فوندىنىڭ مەقسىتى غەربنىڭ مەبلەغ ۋە ئىقتىسادىي قامالىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئۆتكەن يىلىدىن ئېتىبارەن رۇسىيە ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلىدىن غەربنىڭ ئىقتىسادىي ئىمبارگوسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى كۈچەيتىشكە تىرىشقان ئىدى.

پۇتىن «برىكس» تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق مەبلەغ فوندىدىن باشقا يەنە ئوخشاش بىر كۈندە رۇسىيەنىڭ شەرقىي لىنىيە بويىچە خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى كېلىشىمىنى رەسمىي تەستىقلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت