رۇسىيە ئىمبارگوسى تۈركىيە - رۇسىيە ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-01-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


تۈركىيىنىڭ ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا رۇسىيە سۇ - 24 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن شەكىللەنگەن ئىككى دۆلەت يىرىك مۇناسىۋەتلىرى نەتىجىسىدە، رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان ئىمبارگوسى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە تۈركىيىگە قارشى ئىمبارگو ئېلان قىلغاندىن بۇيان تۈركىيە ئىقتىسادىغا مەلۇم دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، تۈركىيە ئىقتىسادشۇناسى ئەرخان ئاسلانوغلۇ رۇسىيە ئىمباروگىسنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغانلىقى، بەلكى بۇ تەسىر تۈپەيلىدىن تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 10 مىليارد دوللار يوقىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رۇسىيە تۈركىيەدىن مەۋ ۋە كۆكتاتلار، توخۇ گۆشى ۋە تۇز ئىمپورت قىلىش، تۈركىيىگە ساياھەتكە بېرىش، تۈركىيە قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيە ئىش ئېلىپ بېرىشى قاتارلىق ساھەلەرگە چەكلىمىلەر قويغان. رۇسىيە تەرەپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيەگە بېرىپ ئىشلەيدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىغىمۇ چەك قويغان.

تۈركىيە رۇسىيە ساياھەتچىلىرى ئەڭ كوپ بارىدىغان مەملىكەت بولۇپ، رۇسىيەدىن ھەر يىلى تۈركىيىگە بېرىپ دەم ئالىدىغانلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ئىكەن. 2014 - يىلى 3.3 مىليون رۇسىيەلىك، تۈركىيەگە بارغان. ئەگەر رۇسيە بۇ ساياھەت ئىشلىرىنى توختىتىپ قويۇلسا، تۈركىيە ئۈچۈن 3.5 مىليارد دوللار زىيان كېلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان.

لېكىن، رۇسىيە ئىمبارگوسىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغىلا ئەمەس بەلكى رۇسىيەگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ رۇسىيەنىڭ «روسسىيا 24» تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلغان رۇسىيە ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى ئالېكسەي ئۇليۇكايېۋنىڭ، تۈركىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئىمبارگونىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئالېكسەي ئۇليۇكايېۋ سۆزىدە «مەسىلەن ساياھەت ساھەسىگە ئوخشاش بەزى ساھالەردە ئىمبارگونىڭ ئەكسى تەسىرىنى ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن ھەمدە بۇ ئىمبارگونىڭ مېۋە - كۆكتات بازىرىنىڭمۇ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق مەۋە - كۆك تات بىلەن تەمىنلەش مەنبەسىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇ خىل مەھسۇلاتلارغا چەك قويۇلغاندا رۇسىيە ئاھالىسىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ماددى تۇرمۇشىغىمۇ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت