رۇسىيە پاراخوتى ئوق چىقىرىپ تۈركىيە پاراخوتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-12-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، يەنى يەكشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ بىر قوغدىغۇچى پاراخوتى تۈركىيە تۇپرىقىغا تۇتىشىدىغان ئېگې دېڭىزىنىڭ شىمالىي رايونىدىكى گرېتسىيەنىڭ لىمنوس ئارىلىغا 22 كىلومېتىر يېقىن جايدا تۈركىيەنىڭ بىر بېلىقچى كېمىسى بىلەن توقۇنۇش كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېنىك قورالدىن ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ مەزكۇر پاراخوتى «سمېتلىۋىي» دەپ ئاتالغان بولۇپ، تۈركىيە بېلىقچى كېمىسى بىلەن مەزكۇر رۇسىيە قوغدىغۇچى پاراخوتىنىڭ ئارىلىقى 600 مېتىر قالغاندا رۇسىيە پاراخوتى ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ئارقىلىق ئىككى پاراخوتنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا مەجبۇر بولغان.

ئوق چىقىرىلغاندىن كېيىن تۈركىيە پاراخوتى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن.

رۇسىيەنىڭ«نېۋسرۇ» تورىنىڭ يېزىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ ۋەقە سەۋەبلىك تېزلىكتە تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىكى ئەلچىخانىسىدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارىنى چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

رۇسىيە مەنبەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە پاراخوتى مىڭ مېتىر يىراقتىن تۈركىيە پاراخوتىنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، 600 مېتىر قالغاندا يېنىك قورالدىن ئوق چىقىرىپ، پەقەت ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق پاراخوتتىڭ سوقۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلانغان، ئوق چىقىرىلغاندىن كېيىن تۈركىيە پاراخوتى رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئالاقە قىلماي، ئۇنىڭ يېنىدىن 500 مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ ئۆتۈپ كەتكەن.

ئەمما، بۇ ۋەقە ھەققىدە ھازىرغىچە تۈركىيە تەرەپ رەسمىي بىلدۈرۈش ئېلان قىلمىدى.

11 - ئايدا تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ بىر دانە سۇ - 24 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەندىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى. رۇسىيە تەرەپ تۈركىيەگە قارىتا ئىمبارگو چارىلىرىنى ئېلان قىلدى. ھەتتا رۇسىيەنىڭ بىر قانچە شەھىرىدىكى تۈركىيە دىپلوماتىيە ئورۇنلىرىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەردى.

ئەسلىدە سودا - ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە باشقا ھەر جەھەتلەردىن ئالاھىدە يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىپ كېلىۋاتقان ئەنقەرە - موسكۋا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىردىنلا يىرىكلىشىپ نازۇك ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ھەر ئىككىلا دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىگە ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت