ش ئا ئە ت رۇسىيەنى ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-08-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ش ئا ئە ت جۈمە كۈنى رۇسىيەنى ئۇكرائىنا زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆكتەملىك بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەربىي ھەرىكەتكە بىۋاسىتە ئارىلىشىپ، رۇسىيەپەرەس قوراللىق كۈچلەرنى قوللاش بىلەن تەنقىد قىلدى. بۇ، ش ئا ئە ت نىڭ ھازىرغىچە رۇسىيەنى ئەڭ قاتتىق ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ تەنقىد قىلىشىدۇر.

ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى راسمۇسسېن، رۇسىيە ھازىرغا قەدەر ساختىپەزلىك بىلەن رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىر ئۇنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىن قانۇنسىز بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى ئېنىق بولدى، دېگەن.

راسمۇسسېن يەنە، ش ئا ئە ت ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىككە ئالاقىدار ھەر قانداق قارارىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ئۇكرائىنانىڭ ش ئا ئە ت غا ئەزا بولۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بىراق رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئۇكرائىناغا قوشۇن كىرگۈزگەنلىكىنى ۋە بۆلگۈنچى كۈچلەرنى قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلدى.

پرېزىدېنت پۇتىن، كرىزىسقا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى جاۋابكار، دەپ ئەيىبلەپ، كىيېف ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى لۇخانسىك، دۇنيېتسك شەھەرلىرىگە قاراتقان قورشاپ ھۇجۇمىنى ناتسىستلارنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا لېنىنگراتنى قورشاۋغا ئالغانلىقىغا ئوخشاتقان.

ب د ت بۇ يىل ئاپرېلدىن بۇيان ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا 2600 دەك ئادەم ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن موسكۋاپەرەس قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇكرائىنانىڭ ئازوۋ دېڭىزى بويىدىكى ماريۇپول پورتى ئەتراپىدا كەسكىن جەڭ بولماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت