پۇتىن ئۇكرائىنا كرىزىسىنى «دۆلەت قۇرۇش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنا كرىزىسنىڭ بەلكى تىنچلىق سۆھبىتى يولى ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى مۇمكىنلىكى، بۇنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئوكرائىنادا سىياسىي تەشكىلى تۈزۈم ۋە دۆلەتچىلىك ئۇسۇلى ئارقىلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.

پۇتىن، تىنچلىقنىڭ مەزكۇر شەرتلىرىنى رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىنىڭ «يەكشەنبىلىك ۋاقىت» پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېتر پوروشېنكو بىلەن «بۇ تراگېدىيەلەرنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇش، يەنى تىنچلىق ۋە سۆھبەت يولى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش» ھەققىدە پۈتۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىراق، كرېمىل باياناتچىسى پرېزىدېنت پۇتىننىڭ رايوندا ئايرىم دۆلەتنى قۇرۇشقا چاقىرمىغانلىقى، بۇ رايوننىڭ ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

باياناتچى دمىترىي پېسكوۋ يەنە شەرقىي ئۇكرائىنادىكى مەسىلىنىڭ «رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى مەسىلە بولماستىن بەلكى، ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكى»نى تەكىتلىگەن.

26-ئاۋغۇست كۈنى پۇتىن بىلەن پوروشېنكو بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنسك شەھىرىدە ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى. پۇتىن بۇ ئۇچرىشىشنى «ياخشى بولدى» دەپ باھالىغان. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا كىرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى، رۇسىيە بولسا بۇنى ئىنكار قىلدى، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە بىر ھەپتىلىك ئۇلتىماتۇم ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەگەر پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتمىسە، يېڭى ئىقتىسادى ئېمبارگو قويماقچى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت