رۇسىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋېتنامدىكى بازىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-08-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە ۋېتنامدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيىسى ئىشلەتكەن كامران بازىسى، يەنى خىتاينىڭ ئاتىشى بويىچە جىنلەنۋەن قولتۇقىدىكى بازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا رۇسىيەنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئىشلىتىلگەن ۋېتنامنىڭ ئايرودرومىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەگەر شۇنداق بولسا رۇسىيە قايتىدىن تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ۋەزىيەتكە ئارىلىشىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدىكەن.

سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ۋېتنام 1970 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا خىتايغا قارشى ھەمكارلىق ئورناتقاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋېتنامنىڭ كامران رايونىدا دېڭىز ئارمىيە ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇپ. ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ھەربىي ئايروپىلانلارنى تۇرغۇزغان ئىدى. مەزكۇر سوۋېت ھەربىي بازىسى 2002 - يىلى تاقالغان، ئەمما ئارىلىقتا 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ۋېتنام بىلەن رۇسىيە 2014 - يىلى، قايتىدىن كېلىشىم تۈزۈپ، رۇسىيە پاراخوتلىرىنىڭ جىنلەنۋەندە توختىتىشىغا رۇخسەت قىلىنغان ئىدى.

ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىختىلاپلارغا ئارىلىشىپ قېلىشنى خالىماسلىقى مۈمكىنلىكىگە ئائىت پەرەزلەرمۇ بار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت