خىتاي بىلەن رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قىرىم كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىنى بايقۇت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي، رۇسىيە، ۋېنېزۇئېلا ۋە ئانگولا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قىرىم كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى غەيرىي رەسمىي يىغىنىنى بايقۇت قىلغان. پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن رۇسىيەنىڭ قىرىمنى تارتىۋالغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا چاقىرىلغان ئىدى.

رۇسىيە دۆلەت دۇمانىسى 2014‏- يىلى 21‏-مارت قارار ماقۇللاپ، قىرىمنىڭ رۇسىيىگە قوشۇلغانلىقىنى قوبۇل قىلغان. رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ باياناتچىسى ئالېكسىي زايتسېف، رۇسىيەنىڭ يىغىنغا قاتناشمىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىپ، «بىز بۇ يىغىننى پايدىسىز ۋە ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرى بار، دەپ قارايمىز» دېگەن.

مەزكۇر يىغىننى لىتۋانىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى رايموندا مۇرموكايت ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ، رۇسىيە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يىغىنغا قاتناشمىغانلىقىنى ئەپسۇسلىنارلىق ۋەقە، دەپ كۆرسەتتى.

يىغىنغا قىرىم تاتارلىرىنىڭ رەھبىرى مۇستافا جەمىل قىرىمئوغلى قاتنىشىپ، غەرب ئەللىرىنى رۇسىيە ئىشغالىيەتچىلىرىگە ئېمبارگو قويۇشقا چاقىرغان.

بىراق ئۇ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئەگەر قىرىمدا ئۇرۇش پارتلىسا، بۇ قىرىم تاتارلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يوق بولۇشى دېمەكتۇر» دېگەن. ئۇ يىغىندىن بۇرۇن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، قىرىمدىكى 280 مىڭ مۇسۇلمان تاتارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى سوۋېت دەۋرىدىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت