رۇسىيە مۇتەخەسسىسى خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-08-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆزبېكىستان ئاخباراتى رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىس بۇگداساروفنىڭ ماقالىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيەنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەزكۇر ماقالە ئۆزبېكىستاننىڭ «سۈنئىي ھەمراھ تورى» دا 18 ‏-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە، رۇسىيە يېقىن شەرق- ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى بۇگداساروفنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئوبزورى تونۇشتۇرۇلغان. بۇگداساروف ماقالىسىدە، موسكۋانىڭ ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىدىن ئاللىقاچان ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا بېيجىڭنىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانى چاڭگىلىغا ئېلىپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىشىچە، خىتاي تاجىكىستاننى پۈتۈنلەي چاڭگىلىغا ئېلىپ بولغان، رۇسىيەنىڭ تاجىكىستاندىكى تەسىرى قاتتىق ئاجىزلاشقان. ماقالىدە يەنە، ئۆزبېكىستاننىڭ ئەھۋالى تاجىكىستاندىن بەك پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى، ئەمما قىرغىزىستان خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشقا تىپىرلاۋاتقان رايوندىكى بىردىن-بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبە ئەتراپىدىكى 201‏- ماتورلۇق دېۋىزىيەسىنىڭ ھازىر ھېچقانداق رولى يوق بولۇپ، تاجىكىستان ئىلگىرى پامىر رايونىغا قوشۇن يۆتكەشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭنىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.

بۇگداساروف يەنە، خىتاينى توسۇش ئۈچۈن، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزىنىڭ ھايات-ماماتلىقىغا ئالاقىدار ئاچقۇچلۇق مەسىلە دەپ قارىشى كېرەكلىكىنى، شۇندىلا خىتاينى توسۇپ قالالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت