رۇسىيە خىتاي قۇرغان بانكىغا ئەزا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


رۇسىيە خىتاي قۇرغان ئاسىيا ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي تۈردە بىلدۈردى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئىگور شۇۋالوۋ پرېزىدېنت پۇتىننىڭ رۇسىيەنىڭ مەزكۇر بانكىغا قاتنىشىش قارارىنى تەستىقلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھازىرغىچە مەزكۇر بانكىغا 30 دۆلەت قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئامېرىكىنىڭ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە تەرەپ يەنە خىتاينىڭ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇش ئىدىيىسى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دەسلەپكى مەبلىغى 50 مىليارد دوللار قىلىپ بېكىتىلگەن بۇ بانكا ئاساسلىقى ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرىنىڭ ئېنېرگىيە، قاتناش، ئۇچۇر ۋە باشقا ساھەلىرى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

رۇسىيە غەربنىڭ ئۆزىگە قاراتقان ئىقتىسادىي ئىمبارگولىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان ھەر قانداق خىلدىكى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە، سودا ئىقتىسادىي تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئاشۇرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت