رۇسىيەنىڭ ئون نەچچە شەھىرىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان رۇسىيەنىڭ ئون نەچچە شەھىرىدە، خىتاينىڭ بايقال كۆلى ياقىسىدا بوتۇلكىلىق سۇ زاۋۇتى قۇرۇش پىلانىغا قارىتا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇشىنىڭ بايقال كۆلى مۇھىتىنى بۇزۇش ئېھتىماللىقى رۇسىيە ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.

ئاھالىلەر نارازىلىقنى نامايىش ئۆتكۈزۈشتىن باشقا يەنە ئاممىۋى ئىمزا توپلاش ۋە قۇرۇلۇشنى توختىتىش ھەققىدە سوتقا ئەرز سۇنۇش شەكلىدە ئېلىپ بارغان. نامايىش ئىركىتۇسكى قاتارلىق بايقال كۆلىگە قوشنا شەھەرلەردىن موسكاۋاغا قەدەر 10 نەچچە شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشچىلار سېپىگە سىياسەتچىلەردىن تارتىپ، مارىيە كوژېۋنىكوۋا قاتارلىق تونۇلغان سەنئەتچىلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

نامايىش داۋامىدا رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىرى پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننى بايقال كۆلىنى خىتايغا سېتىۋېتىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ھۆكۈمەت تەرەپ، خىتاينىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقى ۋە بەلگىلەنگەن مۇھىت بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، يەرلىك سوت ئورۇنلىرىدىن بىرى خىتاينىڭ بوتۇلكىلىق سۇ زاۋۇتى قۇرۇلۇشنى توختىتىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ بولغان.

بۇ نارازىلىق نامايىشلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان كۆزەتكۈچىلەر، بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ سەۋەبى يالغۇز مۇھىت ئەندىشىسى ئەمەسلىكى، يېقىنقى يىللاردا رۇسىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى خىتاي ئوبرازىدا خۇنۈكلىشىش بولغانلىقى ۋە بۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى سۈركىلىشلەرگە سەۋەب بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت