ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو قويۇش ئالدىدا تۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ قارار بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى يىغىنىدا ئېلىنغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ياۋروپا كومىسسىيىسىنىڭ باشلىقى جوزې مانۇئەل بۇنى ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى ئىقتىسادىي ئېمبارگو بۇ ھەپتە ئىچىدە تەييارلىنىدىكەن.

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پرېزىدېنتى خېرمان ۋان روموپېينىڭ ئېيتىشىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى تېزدىن ئىمبارگونى تەييارلاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى ئۈچۈن ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل بۇ يېڭى ئىمبارگونىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ئۆزگەرمىسە ۋە ياك تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتسە قوللىنىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما، بۇ قېتىمقى يېڭى ئىمبارگونىڭ كونكرېت مەزمۇنى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پوروشېنكو ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، ھازىرقى بۇ كرىزىس ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، دېگەن،

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت