ئۇيغۇر ئېلىدا «ھەرىكەتچان سالامەتلىك تەكشۈرۈش» پويىزى يولغا چىققان

2019-10-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تولۇق ئەسلىھەلەنگەن تۇنجى نۆۋەتلىك پويىز 8-ئۆكتەبىر كۈنى كېچىدە ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىن يولغا چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پويىز 3 ئاي بويىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي پويىز لىنىيەلىرىنى بويلاپ، «ھەرىكەتچان سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، بۇ پويىزنىڭ تۇنجى بېكىتى ئالاتاۋ ۋوگزالى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتى چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك گۇمانىنى قوزغاپ كەلگەن بىر ھەرىكەت بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.

ئەنگلىيەدىكى «خىتاي كوللېگىيەسى» ناملىق بىر مۇستەقىل خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادۋوكاتى ھامىد سابى 24‏-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئورگان بانكىسى» قۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئۇلار بۇ ھەقتە يېتەرلىك پاكىتلىرى بارلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن.

مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققان يۇقىرىقى بۇ «ھەرىكەتچان سالامەتلىك تەكشۈرۈش» پويىزىنىڭ مەقسىتى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى بۇ پويىز ئادەتتىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشلەردىن باشقا يەنە، تاشقى كېسەللىكلەر، ئاياللار كېسەللىكلىرى، ئىچكى كېسەللىكلەر، رادىياكتىپلىق تەكشۈرۈش، ئۇلترا دولقۇن ئارقىلىق بەش ئەزا تەكشۈرۈشى، يۈرەك قان تومۇر تەكشۈرۈشى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىش ۋە شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە نەتىجە چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.

مەزكۇر «ھەرىكەتچان سالامەتلىك تەكشۈرۈش» پويىزى تۇرپان، توقسۇن، شىخەنزە، قاراماي، ئالاتاۋ، قورغاس، غۇلجا، كۇچا، ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ئاممىغا قارىتا «سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» ئېلىپ بارىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئامبىرىنى قۇرۇشى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىشى مۇتەخەسسىسلەردە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يۆتكەش قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك، دېگەن گۇمانلارنى كۈچەيتمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت