چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە شايارنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-02-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز يوللىغان مەلۇماتقا قارىغاندا، چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە ئاقسۇ شايار ناھىيىسىنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىيلەشكەن، ھۆكۈمەت خادىملىرى 24 سائەتلەپ مەسچىت بېقىشقا قۇيۇلغان.

ئۇنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر شوپۇرىدىن ئىگىلىشىچە، شايار ناھىيىسىدە دىنغا قارىتىلغان چەكلەش خېلى بۇرۇنلا كۈچەيتىلگەن بولۇپ، كىملىكسىز مەسچىتكە كىرىش مەنئى قىلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا شاياردا ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشىغا قارىتىلغان چەكلەش سىياسىتى قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن.

ئەگەر 40 ياشتىن تۆۋەن قىز-چوكانلارنىڭ ياغلىق ئارتقانلىقى بايقالسا، ئۇلارنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىشى چەكلىنىپ، جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

ئۇ يوللىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا يەنە، نۆۋەتتە شايار يېزىسى تەۋەسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرۇتىنى چۈشۈرۈش بەلگىلىمىسى قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن. ئەگەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرۇت قويغانلىقى بايقالسا، دەرھال چۈشۈرۈۋېتىشكە مەجبۇرلىنىدىكەن.

شايار ناھىيىسى قايلور يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئىككى ياش ئوقۇتقۇچى بۇرۇتىنى چۈشۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. دائىرىلەر شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر «مەكتەپتىكى ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا 5 مىڭ يۈەندىن جەرىمانە قويىمىز، مۇدىرنى خىزمەتتىن ھەيدەيمىز» دەپ تەھدىت سالغاندىن كېيىن بۇ ئوقۇتقۇچىلار بۇرۇتلىرىنى ئالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما ۋەقەنىڭ قاچان بولغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

ئۆتكەن ئاي ئاقسۇنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ۋەقەگە 17 كىشى چېتىلغان. گۇماندارلاردىن دىن 6 كىشى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان، 6 كىشى پارتلاپ ھاياتىدىن ئايرىلغان، قالغان 5 كىشى قولغا ئېلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت